tarim - SAFER
تارىم
مەن تارىم بويىغا كەتتىم،
كۆيۈشكەن يارلار خوش ئەمدى.
بىللە ئويناپ بىللە كۈلگەن،
ئارزۇ كۈنلەر خوش ئەمدى.
ئا،،، ئا،،، يارەي
مەن تارىم بويىغا بېرىپ،
ھارماي-تالماي ئىشلەيمەن.
ئەگەر كەلسەڭ تارىمغا،
گۈل چىچەككە ئورايمەن.
ئا،،، ئا،،، يارەي