azGun kiz-Shohjahon Jorayev

azGun kiz

专辑:Dardi Tula

时间:2024-10-01

    使用手机浏览器「扫一扫」

    在手机上保存,获得更好体验

标签
猜你喜欢的歌曲
歌词

سوۋغات قىلدىم كۆرمۈدۈم ئاسقان كۈمۈش زەنجىرى

رازى ئىكەن سانجىلسا ئۆزىگە ئالتۇن خەنجىرى

مۇھەببەت ئۈستۈن دىگەن يەنە باغلىدى پۇلنى

توزۇتتى ھەم ئۆزىنىڭ باغىدىن گۇلنى

توزۇپ كەتتى گۈلنىڭ بەرگى پەرۋىشكارى بولمىغاش

ئۇچۇپ كەتتى كىپىنەكمۇ گۈل پۇرىغى قالمىغاش

نالە قىلىپ سايرىدى يىراقتىكى قارلىغاش

يۈرۈگى ئېزىلدىمۇ گۈل خەۋرىنى ئاڭلىغاش

مەيىن شامال ئېلىپ كەتتى گۈل بەرگىنى ئۇچۇرۇپ

تىكەن بىلەن يالغۇز قالدى گۈل شاخلىرى سوقۇلۇپ

خازان گۈلنىڭ بەرگىسى قاراڭغۇ كەلگۈسى

قەھرىتانغا ئۇلاشمايلا كىتەر بولدى ئۇنتۇلۇپ

ئەگەر مەن ئېزىپ قالسام ئىچ ئاغرىتماي ئۇر دېدى

قولۇم قانداق بارار دېسەم بۇ ۋەدەمدۇر دېدى

پاك ئىدى دىل كۆڭلىمۇ ساپ، چاقنىغان نۇر ئىدى

چاك بولدى تىل يۈرىگى قاپ ئەمدى چەتتە تۇر دېدى

غەم ئارىلاشقان چاقچاق بىلەن بىرەي قانچە تويلۇقۇڭغا

دېسەم كۈلۈپ دەيتتى ھەقسىز كۆيەرمەن مىجەز خۇلقۇڭغا

يۈرمەس دەيتتىم ھەۋەس قىلىپ باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا

بىلەلمىدىم ئالداندىمۇ بايۋەتچىلەر بايلىقىغا

چۈشلىرىمدە ئەكىس ئەتكەن ئويغانساملا ۋە لېكىن

غايىپ بولار رېئاللىقتىن تاڭ سۈزۈلگەندىن كېيىن

شۇ مەن تونۇيدىغان قىزمۇ ئىشەنمەك قىيىن

ئازغۇن قىزچاق تەڭ قىلاتتى سۆزۈم بىر تىيىن

يېقىنلىرى ئازدۇردىمۇ بىلمەيمەن يىراق ئارلىق

تۇيۇلدىممۇ مەنىسىز يا قىلدىمۇ دۇنيا تارلىق

خەۋەر كەلدى تۇيۇقسىزلا چۈشكەندەك يارلىق

ئايرىلىش بىر ئويۇندەكلا تاشلانغان قارلىق

展开显示全部歌词