مەن بېغىڭغا كىرمەيمەن شېرىنجان جانىما
ئانارىڭنى ئۈزمەيمەن شېرىنجان جانىما
ئەمدى كەلدىم ئەقلىمگە شېرىنجان جانىما
نادان بىلەن يۈرمەيمەن شېرىنجان جانىما
باغلار ئارا شامال ئۇچۇپ سېنى ئەسلەتتى
گۈللەر ئارا بۇلبۇل سايراپ سېنى كۆرسەتتى
يار يار دەپ كىچە كۈندۈز يۈرەكلەر تەشنا
ئا…
ئالما ئاتتىم دەرياغا شېرىنجان جانىما
لەيۋالدى چۆكمەيدۇ شېرىنجان جانىما
سەن يارىمنىڭ ئوتلىرى شېرىنجان جانىما
يالقۇنلايدۇ ئۆچمەيدۇ شېرىنجان جانىما
Music
ئالما ساتقىلى چىقسام شېرىنجان جانىما
قىزىلىنى تاللايدۇ شېرىنجان جانىما
ئالەمدە كىشى يوقتەك شېرىنجان جانىما
كۆڭلۈم سېنى خالايدۇ شېرىنجان جانىما
باغلار ئارا شامال ئۇچۇپ سېنى ئەسلەتتى
گۈللەر ئارا بۇلبۇل سايراپ سېنى كۆرسەتتى
يار يار دەپ كىچە كۈندۈز يۈرەكلەر تەشنا
ئا…
ئەمدى كەلدىم ئەقلىمگە شېرىنجان جانىما
نادان بىلەن يۈرمەيمەن شېرىنجان جانىما