作词 : 无
作曲 : 无
ئۈزۈڭلارچە ياردىن خەۋەر ئېلىپ كەپسىلە
ئاخ سىلەردىن يار ھالىنى كىم سوراپتۇ
ئۇنتۇپ كەتتى يارىڭ سېنى دەپ كەپسىلەر
راستلا ئۇنتۇپ كەتكەن بولسا ھە بولاپتۇ
سەۋەپسىزلا تۆكۈلمەيدۇ يار كۆزىدىن ياش
چۇقۇم يارنىڭ يۈرەكىگە دەرت تولاپتۇ
تېپىلمايدۇ جاھاندا دەپ ماڭا تەڭداش
خام خىياللار سۈرگەن بولسا ھە بولاپتۇ
ياتلار بىلەن كۆردۈم دەيسەن يارنى نىچۈن
ياتلار بىلەن يۈرگەنىنى كىم سوراپتۇ
يارىم مېنى مەڭگۈ ئۇنتۇش ئۈچۇن،
ياتلار بىلەن يۈرگەن بولسا ھە بولاپتۇ
يارىم مېنى مەڭگۈ ئۇنتۇش ئۈچۇن،
ياتلار بىلەن يۈرگەن بولسا ھە بولاپتۇ
پايلاپ يۈرمە نىگارىمنىڭ كەينىدىن ئەمدى
يار بەختىنى تاپقان بولسا نېمە بوپتۇ
چىقىپمۇ قالار ماڭىمۇ يار بوپ ياخشى بىرسى
مەندىن ئۈمىد ئۈزگەن بولسا ھە بولۇپتۇ،
مەندىن ئۈمۈد ئۈزگەن بولسا ھە بولاپتۇ