作词:天冷冷
作曲:天冷冷
يارىڭىز بولاي
كۆيگەن ماڭا جانىدىن،
ئىنتىزارىم بار مىنىڭ.
سايەم ئۆچمەس يانىدىن،
بەختىيارىم بار مىنىڭ.
قەلبىمىز بەخىت ئىلكىدە،
كۆزلىرىمىز كۈلكىدە.
ئەھدىلەشتۇق بىرلەشتۇق،
مۇھاببەتنىڭ سىھرىدە.
يامان كۆزدىن ئاسرىسۇن،
سۆيگۈمىزنى بۇ جاھان.
ياشايلى بوپ تائەبەت،
بىر دىلدىكى ئىككى جان.
نەقىرات-
دىلدا بارىڭىز بولاي،
ۋاپادارىڭىز بولاي.
بىر ئۆمۈرگە بەختىيارىم،
سىزنىڭ يارىڭىز بولاي.