Toyname/新婚之歌-Mayira Alim

Toyname/新婚之歌

歌手:Mayira Alim

专辑:Toyname

时间:2019-02-08

    使用手机浏览器「扫一扫」

    在手机上保存,获得更好体验

标签
猜你喜欢的歌曲
歌词

Toyname/新婚之歌 - Mayira Alim

بىر جۈپ يۇلتۇزنىڭ تويى مۇبارەك

بەخت بىلەن ئامەتكە تولسۇن قوش يۈرەك

يىگىت سادىق ۋاپادار قىزنى ئاي دەيدۇ

ئوتتۇز ئوغۇل توققۇز قىز مەشرەپ ئوينايدۇ

ئاستىدا ئوتقاش گىلەم

يانىدا جانانىلەر

يۈزى ئايدىن چىرايلىق

چاچلىرى تالتالىلەر

بويلىرى سەرۋى سۈپەت

يانىدا سەردارىلەر

قامىتى توي ئەھلىنى

قالدۇرۇپ ھەيرانىلەر

قۇدا ئۇرۇقتۇغقانلار تويدا ساھىبخان

ھەر كۆڭۈلدە خوشاللىق ناۋاسى ئوت گۈلخان

مېھمانلارنىڭ چېھرىدىن بىر خوشاللىق قاينايدۇ

ئۈزۈلمەيدۇ توينامە يۈرەكتىن ياڭرايدۇ

ئاستىدا ئوتقاش گىلەم

يانىدا جانانىلەر

يۈزى ئايدىن چىرايلىق

چاچلىرى تالتالىلەر

بويلىرى سەرۋى سۈپەت

يانىدا سەردارىلەر

قامىتى توي ئەھلىنى

قالدۇرۇپ ھەيرانىلەر

توينامە توينامە توينامە

قىران بەردەم يىگىتلەر غۇلاچنى تاشلاڭ تاشلاڭ

خۇش چىراي گۈل قىزلارنى ئۇسۇلغا باشلاڭ باشلاڭ

تارتىشماققا بوش كەلمەڭ گۈل ناتىۋانلار

خوشاللىققا جۆز بولسۇن ياندا تۇرغانلار

تارتىشماققا بوش كەلمەڭ گۈل ناتىۋانلار

خوشاللىققا جۆز بولسۇن ياندا تۇرغانلار

ئىككى ياشنىڭ تويىغا مۇبارەك بولسۇن

بەخت بولۇپ توي چاچقۇ چۈشسۇن تۆكۈلسۇن

ئەزىز بېشى باش بولسۇن ئەھدى تاش بولسۇن

ئىككى ياشنىڭ تويىغا مۇبارەك بولسۇن

ئاستىدا ئوتقاش گىلەم

يانىدا جانانىلەر

يۈزى ئايدىن چىرايلىق

چاچلىرى تالتالىلەر

ئۈستىگە زەردىن لىباس توننى كەيدى يارىيار

ھۆسنىدىن نۇر ياغدۇرۇپ كېلىن كەلدى يارىيار

بويلىرى سەرۋى سۈپەت

يانىدا سەردارىلەر

قامىتى توي ئەھلىنى

قالدۇرۇپ ھەيرانىلەر

بويلىرى سەرۋى سۈپەت

يانىدا سەردارىلەر

قامىتى توي ئەھلىنى

قالدۇرۇپ ھەيرانىلەر

بۈگۈن ئىككى يۈرەكنىڭ بەختى كۈلدى يارىيار

展开显示全部歌词