watinim.++ - Bilal Enwer
词:Musajan Osman
曲:BilalEnwer
ۋەتىنىم
ئەسسالام ۋەتىنىم جانى جان ئانام،
بەختىيار خوش كۈلگەن يىگىت مەن سەندە.
تەسەددۇق بۇ جېنىم سەن ئۈچۈن دائىم.
چۈنكى سەن گۈلھايات قىلدىڭ بەخشەندە.
سەن مېنى ئۆستۈردۈڭ ، ئىللىق قوينۇڭدا
سەن ماڭا ئەقىل ھەم كۈچ قۇۋۋەت بەردىڭ
تۇلپار بولۇپ چاپارمەن بەختىڭگە ۋەتەن.
سەن ماڭا چىن ۋاپا مۇھەببەت بەردىڭ.
ئانامنىڭ ھىدى بار ، ئاتامنىڭ ئىزى
ۋەتىنىم ، بېغىڭنى گۈلگە پۈركەيمىز.
يار يۆلەك بىزلەرگە ئەجدادلار روھى.
قوينىڭدا بارچە ئەل بىللە گۈللەيمىز.