18年-MisTer说唱团

18年

专辑:Rap-Yolum

时间:2016-03-28

    使用手机浏览器「扫一扫」

    在手机上保存,获得更好体验

标签
猜你喜欢的歌曲
歌词

18年 - MisTer说唱团

词:MisTer说唱团

曲:MisTer说唱团

ئۆز ئۆزۈمگە دەيمەن ئۆزۈم

ۋاز كەچمەكچى بولغاندا ھەردەم

كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس

باغلىغاندا سەن بېلىڭنى مەھكەم

بىلسەڭ ھايات ئىزچىل مۇشۇنداق

بولىسەن قولدىن كەتكەندە ئامراق

بارىدا سەن قىلساڭ قەدرىنى

بولىسەن پۇشايماندىن يىراق

تىرىكىشىش ئىچىدە ئۆتتى

بۇ ھاياتىم 18 يىل

قايتا-قايتا تەگەپ كەلدىم

نەتىجە بولدى ئوخشاش بىر خىل

نالە قىلمىغان بولسام گەرچە

بۇ ھاياتنىڭ رىئاللىقىغا

بۇ ھاياتىم بىر تىياتىر

ئارتىسلىرى ھەر قىززىق

رەڭگارەڭ دۇنيا ئىچىدە

ياشاپ كەلدىم 18 يىل

كەتتى نۇرغۇن پۇرسەت ئالدىمدا

نۇرغۇنلىغان ھىكمەتلىك كۈچ

شۇنداق بولسىمۇ

باشتىن ئاخىر دۇرۇس بولدى نىيەت

ئەتراپىڭدىكى ياخشىلارنىڭ

ئاخىرغىچە قەدرىگە يەت

بالىلىقتىكى غەمسىز چاغلار

ئۆتۈپ كەتتى ئاستا-ئاستا

بەك گۈزەلكەن بەك سەبىكەن

بىلىپ يەتتىم ئاشۇ چاغلار

بىلىپ يىتىسەن سەنمۇ بىر كۈن

غەملەر بىشىڭغا چۈشكەن چاغدا

بىلىپ يىتەركەن ئىنسان قەدرى

شۇ نەرسىنى يوقاتقاندا

ئۆز ئۆزۈمگە دەيمەن ئۆزۈم

ۋاز كەچمەكچى بولغاندا ھەردەم

كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس

باغلىغاندا سەن بېلىڭنى مەھكەم

بىلسەڭ ھايات ئىزچىل مۇشۇنداق

بولىسەن قولدىن كەتكەندە ئامراق

بارىدا سەن قىلساڭ قەدرىنى

بولىسەن پۇشايماندىن يىراق

قاراڭغۇلۇقتا كىتىپ بارىمەن

قىنى نىشانىمدىن ئاداشقاندەك

دوست-بۇرادەرمۇ بۇنى بىلىپ

قايتۇرىۋەتتى قاراڭغۇ يولۇمنى

مۇھەببىتىمنىڭ سۆيگۈسى

ئازاد قىلدى بۇ كۆڭلۈمنى

مىھىرلەنىڭ ئەتىسى بۇ

ئىرىتىپ كۆڭلۈمدىكى زىمىستان قىشنى

دۈشمەنلەرنىڭ زەھىرى كۆپ

بەردى ماڭا كۆپ ئازار

ئاخىرى كىم مەن بىلەن قىلىپ

كىملەر بولار مەندىن بىزار

بۇ جاھاننىڭ سۈنئى گۈللىرى

بالدۇر ئىچىلىپ بالدۇر توزار

توزىغان گۈللىرى يەرگە چۈشۈپ

بۇ جەمىئەتنىڭ مۈلكىنى بۇزار

قاينايدۇ ئىلھام كەلگەندە ئىلدام

جەمىئەت ئەسلىنى كۆرگەندە

ئۈستىدە پىنھان

ئاستىدا پۇشايمان

بەلكىم تۇپراققا كىرگەندە

تىكىلدى كۆزلەر

چىقمىدى سۆزلەر

دۈشمەن قەستىنى بىلگەندە

دۈشمەنلىرىم تۇرۇپلا قالدى

مەن قاھ-قاھلاپ كۈلگەندە

ئاق ۋاراققا يىزىلىۋاتىدۇ

قەلىمىم ئاستىدا پەريادىم

پەريادىمغا نالە بولۇپ كەلدى

سىياھ بولۇپ چۈشكەن كۆز يىشىم

18 يىل ئۆتۈپ كەتتى

ھەم ئازاپلىق ھەم ئاچچىق

گاھى ئۇچتۇم ئاسماندا

گاھى چۈشتۈم يەرگە قاتتىق

ئاخىرى دەيمەن

تىرىشقانلار يەردە قالماس

ياخشى ئادەم يولدىن چىقماس

بۇ جاھاندا كۆپتۇر ئىپلاس

يوقتۇر مەڭگۈلۈككە ئىخلاس

تىرىشقىن سەن ئۆز يولۇڭدا

بولىۋەرگىن ئۆز كويۇڭدا

ئىتلار قاۋىسا قاۋاۋىرىدۇ

راۋا بولغىن ئۆز يولۇڭغا

ئۆز ئۆزۈمگە دەيمەن ئۆزۈم

ۋاز كەچمەكچى بولغاندا ھەردەم

كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس

باغلىغاندا سەن بېلىڭنى مەھكەم

بىلسەڭ ھايات ئىزچىل مۇشۇنداق

بولىسەن قولدىن كەتكەندە ئامراق

بارىدا سەن قىلساڭ قەدرىنى

بولىسەن پۇشايماندىن يىراق

展开显示全部歌词