Axik - Abdugheni Ablikim - 群星
ئاشىق
ئابدۇغېنى ئابلىكىم خال
تەييارلاپ قوي بىر قەدەھ زەھەر
تويۇڭ بولۇپ قالسا ناۋادا
ھارپا كۈنى ئىچىپ مەن ئۇنى
ئۇخلاپ قالاي مەڭگۈلۈك ئاستا
ھارپا كۈنى ئىچىپ مەن ئۇنى
ئۇخلاپ قالاي مەڭگۈلۈك ئاستا
گەر ئازابتىن مۇڭلانسا قەلبىم
لىرىكىغا پۈتۈپ قوي مىنى
كېچىپ قالسام خىياللىرىڭدىن
يوقلاپ تۇرغىن سايىلىرىمنى
كېچىپ قالسام خىياللىرىڭدىن
يوقلاپ تۇرغىن سايىلىرىمنى
يېزىپ قويغىن قەبرەمگە يەنە
ئۇ بىر ساراڭ ئاشىق ئىدى دەپ
يېزىپ قويغىن قەبرەمگە يەنە
ئۇ بىر ساراڭ ئاشىق ئىدى دەپ
تومۇرىدا ئاقاتتى گۈلخان
كەتتى چوقۇم ئۆزىنى ئىزدەپ
تومۇرىدا ئاقاتتى گۈلخان
كەتتى چوقۇم ئۆزىنى ئىزدەپ
يېزىپ قويغىن قەبرەمگە يەنە
ئۇ بىر ساراڭ ئاشىق ئىدى دەپ