karap tur - 南威
词:Mirzat Mamtimin
曲:Nijat-Rixat
原曲:Karaptur - Nijat-Rixat
سۆيۈپ كەتتىڭ ئۆزگىنى
كۆزۈم قالدى يولۇڭدا
شۇنداق توزۇپ كىتەرمۇ
بەخىت گۈلۈم قولۇڭدا
سۆيدۈم سىنى دىگەنلەر
كۆيمەس مەندەك ئوتۇڭدا
يىتىپ بىر كۈن قەدرىمگە
زارلىنىسەن قاراپتۇر
خاتا ئويلاپ قاپتىمەن
يايرىم بار دەپ كۆڭلى ئاق
يامان دەپسەن ئاڭلىسام
ياخشىلارنى كۆرۈپ باق
بۇ مۇھاببەت كۇچىسى
ئەلمىساقتىن مۇشۇنداق
سەنمۇ ھىجران ئوقىدا
يارلىنىسەن قاراپتۇر
ئاجىز بەندە ئىكەنمەن
يوقتۇر ئۆزگە ئامالىم
كۆرەڭلىمە بۇ دىگەن
ئۆتنە جاھان جانانىم
ئۇنتۇپ قالما بىر كۈنى
يىتىپ ساڭا ئۇۋالىم
نامەرتلەرنىڭ قولىدا
خارلىنىسەن قاراپتۇر