作词 : Umutwar
作曲 : Muradil Mutallip
يارنى كۆرمەي يۈردۈم تالاي يىل،
ئەمدى يارنى كۆرگىلى كەلدىم.
قەلبىمدىكى سۆيگۈ سىرىنى،
شۇ يارغىلا ئېيتقىلى كەلدىم.
دىلنى ئەزگەن ھىجران تېغىنى،
قەھرىم بىلەن بۇزغىلى كەلدىم.
ماڭا مەنسۇپ سۆيگۈ گۈلىنى،
مېھرىم بىلەن ئۈزگىلى كەلدىم.
تەنھا يۈرسەم تەبەسسۇم نەدە،
يار يىنىدا كۈلگىلى كەلدىم،
بۇ ھاياتنىڭ ئۇزاق يولىدا،
شۇ يار بىلەن يۈرگىلى كەلدىم.