Anam Tel Fun Keldi-Yusup Sahra

Anam Tel Fun Keldi

歌手:Yusup Sahra

专辑:

时间:

    使用手机浏览器「扫一扫」

    在手机上保存,获得更好体验

标签
歌词

作词 : Anwar-Maglik

作曲 : Anwar-Maglik

编曲 : Mardan Turghun

ئانام تىلفۇن قىلدى

تېكىستى:ئەنۋەر مەڭلىك

مۇزىكىسى:ئەنۋەر مەڭلىك

ئاكورتلاشتۇرغىچى:مەردان تۇرغۇن

بىتاپ بولۇپ ئاغرىسام

بىر زات دەردىمنى بىلدى

مۇشۇ تاپ دەردىمنى ئېيتسام

ئانام تېلېفونلار قىلدى

چۈشۈمگە كىرىپسەن دەپ

سەن ئاغرىپ يېتىپسەن دەپ

قىينىلىپ كېتىپسەن دەپ

ئانام تېلېفونلار قىلدى

دوست يارەنلەر كەلمىدى

ئانامچىلىك غېمىم يەپ

ئامانمۇ سەن بالام دەپ

ئانام تېلېفونلار قىلدى

دوست يارەنلەر كەلمىدى

ئانامچىلىك غېمىم يەپ

ئامانمۇ سەن بالام دەپ

ئانام تېلېفونلار قىلدى

مۇزىكا

ئايدا بىر كۆرۈشمىدىم

سىردىشىپ كۈلۈشمىدىم

تېلېفونلار قىلىشمىدىم

ئانام تېلېفونلار قىلدى

جان ئانامدا ماغدۇر ، ئاز

تىترەيتتى ئۇ ئاۋاز

مېنى ئويلاپلا خالاس

ئانام تېلېفونلار قىلدى

ئويلىنىپ قالدىم ئۆزۈم

ياشلاندى ئىككى كۆزۈم

تىلىمدىن چىقماس سۆزۈم

ئانام تېلېفونلار قىلدى

مېھرى بارىمەن گۈدەككە

خىياللىرىم بۆلەكتە

مەن ئانامنىڭ يۈرەكتە

ئانام تېلېفونلار قىلدى

سوراپ مالۇ ھالىمنى

خەجلەيدىكەن كارىمنى

قىزىم دەيدۇ يارىمنى

ئانام تېلېفونلار قىلدى

مۇزىكا

قېرىتتى ھەم كۈلپەت غەم

جېنىم ئانام ناۋات قەن

ئەھۋال سوراپ مەندىن ھە م

ئانام تېلېفونلار قىلدى

تېلېفوننى سۇندۇراي

بىر دىدارغا ئۈلگۈرەي

مەن يانىغا يۈگۈرەي

ئانام تېلېفونلار قىلدى

مەن يانىغا يۈگۈرەي

ئانام تېلېفونلار قىلدى

展开显示全部歌词